— <b>بۇيرۇق قۇرىدىن پىروگراممىنى قوزغاتقاندا ئىشلىتىدىغان دەلىللەر</b>

&#8207;<tt>-v</tt> ياكى <tt>--version</tt> دەلىلى بىلەن قوزغاتقاندا، Kickshaw نىڭ نۆۋەتتىكى نەشىر نومۇرى كۆرسىتىلىدۇ. <tt>-h</tt> ۋە <tt>--help</tt> دەلىللىرى بۇ ياردەم كۆزنىكىگە قانداق ئېرىشىشنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى، ئاندىن قوبۇل قىلىنغان دەلىللەرنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
&#8207;Kickshaw نى تىزىملىك ھۆججىتىنىڭ يولىنى دەلىل قىلىپ قوزغاتقىلىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ يان تەسىرى شۇكى، ھۆججەت باشقۇرغۇچىلاردا كونتېكىست تىزىملىكىنى ئىشلىتىپ تىزىملىك ھۆججەتلىرىنى Kickshaw بىلەن ئاچقىلى بولىدۇ.

&#8207;— <b>Kickshaw ھاسىل قىلغان ھۆججەتلەر</b>

<b>مەڭگۈلۈك</b>

<span size="100">ن</span>Kickshaw ئىشلەتكۈچىنىڭ ماكان مۇندەرىجىسى ئىچىگە <tt>.kickshawrc</tt> ئىسىملىق ئۆزىنىڭ تەڭشەك ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىدۇ.

<b>ۋاقىتلىق</b>

ھەر بىر تەھرىرلەش ئۈچۈن، <tt>/tmp/kickshaw.XXXXXX</tt> ئىچىگە بىكار قىلىش دۆۋىسى ھۆججىتى ھاسىل قىلىنىدۇ (X لار خالىغان ھەرپ ۋە رەقەملەرنىڭ ئورۇن تۇتقۇچىسى). ئەگەر پىروگرامما كۈتۈلمىگەن ھالدا توختاپ قالسا، قىسقۇچ ساقلىنىپ قالىدۇ، ئەمما بۇ ئەندىشە قىلغۇچىلىكى يوق چۈنكى ئۇ پەقەت كىچىك ھۆججەتلەرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئادەتتە كېيىنكى قېتىملىق قايتا قوزغىتىشتا ئەڭ كېچىكىپ بولسىمۇ ئاپتوماتىك ئۆچۈرۈلىدۇ.

&#8207;Kickshaw يەنە ماكان قىسقۇچى ئىچىگە <tt>.kickshaw_autosave</tt> ئىسىملىق ئاپتوماتىك ساقلانغان ھۆججەت ھاسىل قىلىدۇ. ئۇ ھەر بىر تەھرىرلەشتىن كېيىن يېڭىلىنىدۇ ۋە پىروگرامما تاقالغاندا ئۆچۈرۈلىدۇ. ئەگەر Kickshaw مۇقىمسىز توختىتىلغان بولسا، كېيىنكى قېتىم پىروگرامما قوزغالغاندا ئىشلەتكۈچىدىن تىزىملىكنى ئاپتوماتىك ساقلانغان نۇسخىدىن ئەسلىگە كەلتۈرەمدۇ ياكى ئاپتوماتىك ساقلانغان نۇسخىنى ئۆچۈرەمدۇ دەپ سورايدۇ.
